- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە سۇرىيەنىڭ ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى بالدۇر يۈرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى
2013.09.16 16:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 14-سېنتەبىر رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: رۇسىيە سۇرىيە دائىرىلىرىنىڭ «خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»دىكى مەجبۇرىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يۈرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ دېدى.
لاۋروف مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ ئەھدىنامىگە قاتنىشىش ئىلتىماسى بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇن سۇرىيە دائىرىلىرى ھۆججەت تاپشۇرغان كۈندىن ئېتىبارەن ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە سۇرىيە دائىرىلىرىنىڭ «خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»غا تولۇق، شەرتسىز قاتنىشىشنى جاكارلىشى ناھايىتى مۇھىم دەپ ھېسابلايدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاۋروف يەنە خىمىيىلىك قورال بار جاينىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ خىمىيىلىك قورال مەسىلىسىدە سۇرىيە دائىرىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل