باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نورۋېگىيەدە قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى

2013.09.16 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  برېيۋىكنىڭ سوتقا چىققاندىكى ماتېرىيال سۈرىتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 12-چېسلا بەرگەن خەۋەر قىلىشىچە، 2011-يىلى نورۋېگىيەدە 77 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئاندرېس بېھرىڭ برېيۋىك يېقىندا ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، سىياسەتشۇناسلىقتا ئوقۇيدىكەن. برېيۋىك بۇنىڭدىن ئاۋۋال 21 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانىكەن.

  ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكىتلىشىچە برېيۋىكنى قوبۇل قىلغانلىق ئىكەن. ئۇنىڭغا ئادىل مۇئامىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بارلىق نورۋېگىيە پۇقراسىنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى. ئاۋتېرىس بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەخلاقىي جەھەتتىن تەڭقىسلىقتا قالىدىغانلىقىنى ئېتىراپمۇ قىلىدىغانلىقىنى، بىراق، برېيۋىكنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماسىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 34 ياشلىق برېيۋىك ئامانلىق ئىنتايىن قاتتىق قوغدالغان ھىم تۈرمىدە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمايدىكەن.

  برېيۋىك 2011-يىلى 22-ئىيۇل ۋەھشىيانە قانخورلۇق قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو ھۆكۈمەت رايونىدا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، پارتلاشتا سەككىز ئادەم ئۆلگەن؛ ئاندىن ئوسلودىكى بىر كىچىك ئارالدا يازلىق لاگېرغا قاتنىشىۋاتقان 69 ئادەمنى ئېتىۋەتكەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسمۈرلەر ئىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل