- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ «خىمىيەلىك قورالنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە قاتنىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى
2013.09.13 15:56 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 12-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بەرگەن خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 12-چېسلا سۈرىيەنىڭ «خىمىيەلىك قورالنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە قاتنىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورالنى تاپشۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ھاك شۇ كۈنى ب د ت نىڭ سۈرىيەنىڭ «خىمىيەلىك قورالنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گەقاتنىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئىلتىماسنامىنىڭ ھازىر تەرجىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ب د ت نىڭ مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ھاك مەزكۇر ئىلتىماسنامىنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججىتى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى. سۈرىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جەفەر: قانۇنىي مەنىدىن قارىغاندا، سۈرىيە 12-چېسلادىن باشلاپلا «خىمىيەلىك قورالنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ ئەزاسى بولدى، دېدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل