باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ياساش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بىخەتەرلىك ھادىسىسى سەۋەبىدىن جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شېركىتى چەت ئەل تۈرىنى ئېلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

2013.07.25 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىرازىلىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا خېرىدارلىق خېتى تاپشۇرۇش كېلەركى ئايدا باشلىنىدۇ. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى رەسمىي خېرىدار ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا 17مىليارد 800 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن مەبلەغنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە 2016-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى كاتتا ئىش يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، بىرازىلىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا خېرىدار ئېلان قىلىش تەشۋىقاتتا ئېيتىلغاندەك يېتىدىغان پايدىسىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شېركەتلىرىنى جەلپ قىلغان.

  لېكىن، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى بۇ تۈرنى ئېلىشتا رەت قىلىنغان.

  ئىسپانىيە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى ئەشيا ئوبوروتىنى پىلانلاش شېركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لئو.ماۋرو.فرانسا مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:«برازىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ۋەقە چىقارغانلىكى تىجارەتچىلەرنىڭ تۈر تاللاشقا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار