باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنجاڭ جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز زاپاس ئامبىرى قۇرۇپ چىقتى.

2013.07.15 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز ساقلاش ئامبىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇتۇبى ناھىيىسىدە قۇرۇلدى، بۇ چوڭ تىپتىكى زاپاس گاز ئەسلىھەسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەشنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىسادىي بەلۋىغىنىڭ قىشتا گاز قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ.

  ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى تۇرۇببا تورى بىرىنچى زور تىپلىق يۈرۈشلۈك سېستىمىسىنىڭ قۇتۇبى زاپاس گاز ئامبىرىغا گاز كىرگۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ جۇڭگونىڭ سىغىمى ئەڭ چوڭ بولغان تەبئىي گاز زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىنىڭ شىنجاڭدا قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەر ئاستىغا جايلاشقان بۇ زاپاس گاز ئامبىرىنىڭ لايىھەدىكى ئومۇمىي سىغىمى 10 مىليارت 700 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، شىنجاڭ نېفىتلىكى تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىنىڭ 3 ھەسسىسىگە تەڭ.

  ئېگىلىنىشىچە، بۇ زاپاس گاز ئامبىرىنىڭ گاز مەنبەسى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2-لېنىيىسىنىڭ گاز ساقلاش ئەسلىھەسى بولۇپ، پەسىللىك يۇقىرى نوقتىنى تەڭشەش ۋە جىددىي ئەھۋال ئۈچۈن زاپاس ساقلاشتەك قوش ئىقتىدارىغا ئىگە، زاپاس ساقلانغان تەبئىي گاز پەسىللىك تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستىمالچىلارنىڭ مۇقىم گاز ئىشلىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭ، بولۇپمۇ تەڭرىتاغنىىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىسادىي بەلۋاغنىڭ قىشتا گاز قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. ئۈرۈمچىمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم