باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىنوۋدىن: مېنى قىستىماڭلار

2013.07.15 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا «پىرىزما» نازارەت تۈرىنى ئاشكارىلىغۇچى ئىدۋارد سىنوۋدىننىڭ قولىدا يەنە «قىرىش كۈچى تېخىمۇ زور» مەخپىي ھۆججەتلەر بار، ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىۋەتسە، ئامېرىكا «ئەڭ قاباھەتلىك كۈن»گە دۇچار بولۇشى مۇمكىن.

  چاتاق چىقسىلا، ھەممىسى ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ

  گېلىن گېرىنۋالد سىنوۋدىن بىلەن ئەڭ بۇرۇن ئۇچراشقان ۋە بۇ سەتچىلىكنى ئەڭ بۇرۇن خەۋەر قىلغان مۇخبىر. ئارگىنتىنا «مىللەت» گېزىتى 13-چېسلا «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ مۇخبىرىنى زىيارەت قىلىپ خەۋەر بەردى.

  گېرىنۋالد مۇنداق دېدى: سىنوۋدىننىڭ قولىدا يەنە «قىرىش كۈچى تېخىمۇ زور» مەخپىي ھۆججەتلەر بار، بۇ ئۇچۇرلار ھازىر دۇنيادىكى ئوخشىمىغان جايلاردا ساقلاقلىق. ئەگەر بۇ ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كەتسە، ئامېرىكىغا «تېخىمۇ زور زىيان سالىدۇ». سىنوۋدىن ئۇلارنى ئىزچىل ئاشكارىلىماي كەلدى، ئۇنىڭ باشتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشتىكى مەقسىتى: ئاممىغا ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇلار ئىزچىل مەخپىي دەپ قاراپ كەلگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشتىنلا ئىبارەت.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سىنوۋدىننىڭ قولىدا يېتەرلىك ئۇچۇر بار، بىر مىنۇت ئىچىدىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ ئېغىر زەربە بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئۇچۇر ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىنمۇ كۆپ. لېكىن بۇ ئىش (يەنى بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش) ئۇنىڭ مەقسىتى ئەمەس.»

  «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۈندە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ سىنوۋدىننىڭ ئامان-ئىسەنلىكىنى تىلىسە بولىدۇ، چۈنكى سىنوۋدىن بىرەر پالاكەتكە يولۇققان ھامان بارلىق ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكا تېخىمۇ قاباھەتلىك كۈنگە دۇچار بولىدۇ.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: پۇتىن: سىنوۋدىن روسىيەدە قالسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى ئامېرىكىغا زىيان سېلىشنى توختىتىشى لازىم

سىنوۋدىن 21 دۆلەتتىن پاناھلىق تىلەپمۇ پاناھلىققا ئېرىشەلمىدى

روسىيە تاراتقۇلىرى: سىنوۋدېن روسىيەگە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇندى

ئوباما: سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ يۈرمەيمەن، دېدى

پۇتىن سىنوۋدىننىڭ ھازىرمۇ موسكىۋا ئايرودۇرۇمىدا ئېكەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا شياڭگاڭنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى

سىنوۋدىن روسىيەگە ۋاقىتلىق پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەسمىي تاپشۇردى

سىنوۋدىن: مېنى قىستىماڭلار

سىنودىن تاسادىپىيلىق يۈز بەرسە يەنە بىر پىلاننى باشلايمەن دېدى





  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە