باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۇگولنىڭ پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلىرى كېچىچە نەغمە-ناۋا قىلىپ ئاھالىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى

2013.07.12 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 9-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گۇگول شىركىتى يازلىق 400 نەپەر پراكتىكانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 6000 دوللارلىق يۇقىرى ئايلىق بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى ئالىي دەرىجىلىك ياتاقلارغا ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان. بىراق بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كېچە توختىماي كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى ئاھالىگە دەخلى قىلىۋاتقانلىقى، گۇگول شىركىتىنىڭ نام-شۆھرىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغاندەك تۈرىدۇ.

  گۇگولنىڭ پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتە ئۆزى ياتاق ئىجارىگە ئېلىپ تۇراتتى، بىراق بۇ يىل گۇگول يېڭى ھۈنەر چىقىرىپ، ئىيۇندا 400 نەپەر پراكتىكانت ئوقۇغۇچىنى كالىفورنىيەنىڭ سان-خوزېيدىكى ئايلىق ئىجارىسى 3375 دوللارلىق ھەشەمەتلىك ياتاق «ھىلال ئاي كەنتى»گە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ كىچىك رايۇندا 1700 يۈرۈش ياتاق بولۇپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى تولۇق، سېتكا توپ مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلار بار، سان-فرانسېسكو قولتۇق رايونىدىكى ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇلارنىڭ بىرى.

  لىكىن بۇ تۈركۈم 20 نەچچە ياشلىق پراكتېكانت ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئاسرىماي، دائىم سۇ ئۈزۈش كۆلى قاتارلىق مەھەللە ئاممىۋىي رايونلىرىدا يېرىم كېچىگىچە شاتلىق بەزمىسى قىلىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىنى قاتتىق بىزار قىلغان. ھىلال ئاي كەنتىدىكى ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، روھىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، شاتلىق بەزمىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ بىر توپ پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكىنى تېزراق ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇيەردىن كېتىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم