باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتا يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق ھۇجۇم تۈپەيلىدىن 186 ئادەمگە تالاپەت يەتتى

2013.07.04 10:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2- ئىيۇن ئىراق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە شۇ كۈنى ئىراقتا بىر قاتار زوراۋانلىق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 35 ئادەم ئۆلۈپ، 151 ئادەم يارىلانغان.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئىراق ساقچى دائىرىلىرى خەۋەرچىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا پايتەخت باغدادتا شۇ كۈنى كەچتە ئاز دېگەندىمۇ 8 قېتىم ئاپتوموبىل پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 26 ئادەم ئۆلۈپ، 102 ئادەم يارىلاندى دېگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا سەماۋەھدە شۇكۈنى كەچتە ئاپتوموبىل پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 3 ئادەم ئۆلۈپ، 20 ئادەم يارىلانغان. ئەمارەھدىمۇ يەنە بىر ئاپتوموبىل پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، 5 ئادەم يارىلانغان. باقۇبا ۋە ماۋسىل قاتارلىق جايلاردىمۇ زوراۋانلىق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 24 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  نۆۋەتتە، ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس شۇ كۈنىدىكى ھۇجۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراققا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرىشىدا دېيىلىشىچە، 6-ئايدا ئىراقتا تېرورلۇق ھۇجۇمى ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 761گە يەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 1771 ئادەم يارىلانغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىراقتا تېرورلۇق ھەرىكىتى ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇمى كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناھايىتى ئۈمىدسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان. (مۇخبىر جاڭ شۇخۈي، لياڭ يوۋچاڭ )

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە