باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەككىز دۆلەت گۇرۇھى سۈرىيە مەسىلىسىدە بىردەكلىككە كەلدى(2)

2013.06.21 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمما تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 8 دۆلەت گۇرۇھى سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەدنى تىلغا ئالمىدى، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قورال ياردەم بېرىش ئىشىنىمۇ تىلغا ئالمىدى شۇنداقلا ئوتتۇرا مەيداندا تۇرۇپ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن ھەرقانداق تەرەپنى ئەيىپلىدى، بۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئورتاق تونۇشقا كېلەلمىگەنلىكى، بۇ مەسىلە ھەققىدە يەكۈن چىقىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ رۇسىيەنىڭ غەرپ دۆلەتلىرىنى مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇرلىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى 8 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بەزى غەرپ دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ۋە تاراتقۇلار ئارقا ئارقىدىن خەۋەر تارقىتىپ، سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەگە بېسىم ئىشلەتتى.

  كانادانىڭ زۇڭلىسى خاپپېر باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: 8 دۆلەت گۇرۇھى ئەمەلىيەتتە 7 دۆلەت بىلەن بىر دۆلەتنىڭ بىرىكمىسى، چۈنكى رۇسىيە بۇنىڭ ئىچدىكى بىردىن بىر باشار ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان دۆلەت. ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان تايمىس گېزىتىدە 18-ئىيون ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: كامىرون بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا غەرب دۆلەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تاقابىل تۇردى، ئامېرىكا ئاقسارايمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا كىچىك كۆلەمدە سالىن زەھەرلىك گازى بار خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى بېكىتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ.

  ئەمما بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرى ئۈمىد قىلغىنىدەك ئۇنچە يىتىم قالمىدى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن پۇتىن 17-ئىيۇن كەچتە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىختىلاپى بولسىمۇ ئەمما سۈرىيە كىرزىسىنى جەنۋە تىنچىلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  پۇتىن باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتىدە يالغۇز قالمىدى، باشقا بەزى ئەزا دۆلەتلەرمۇ: ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتتى دەپ قىلغان شىكايىتى ھەققىدىكى ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دەپ قارىدى ھەمدە ئۇلارنى سۈرىيە ئۆكتىچلىرىگە قورال ياردەم بەرگەن دەپ گۇمانلاندى.

  پۇتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوراللاندۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، بۇ قانلىق توقونۇشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ شۇنداقلا بۇ قوراللارنىڭ ئىكىستىرىزمچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ، دەل مۇشۇنداق ئىكىستىرىزمچى ئۇنسۇرلار ئەنگىلىيەدە ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى سادىر قىلغان.

  بۇ قېتىمقى 8 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا سۈرىيە مەسىلىسىدىن باشقا يەنە ئادىل باج كىرىمى، سودىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى، باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان بىرلەشمە ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى تېررورلىققا قارشى تۇرۇش، يادرو بىخەتەرلىكى، دىپلوماتىيە سىياسىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك.

  ئەمما سىرتقى ساھە :بۇ ئورتاق تونۇشلاردا قانچىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم بولار دەپ گۇمانلاندى.

  ئېرلاندىيە خەلقئارا ۋە ياۋروپا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى خالكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبول قىلغاندا مۇنداق دېدى:بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن 8 دۆلەت گۇرۇھى ئارىسىدا ماس ھەرىكەت بولۇشى لازىم، ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىقتىسادىغا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنشى ناتايىن، ماس ھەرىكەت بولمىغانلىقتىن 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېىشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈشى ئاقلانىلىك ئەمەس.

  8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكى ھەققىدە خالكىن مۇنداق دېدى: 8 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قىممىتى بەزى ئاساسلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەر شارى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە ئۆزئارا مەنپەئەتى ۋە نىشانلىرىنى تېخىمۇ چۈشۈنىشىدە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا سۈرىيە كىرزىسىدىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىدە سىياسىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

  خالكىن مۇنداق دەپ قارىدى: 8 دۆلەت گۇرۇھى كونا دۇنيا ئىقتىسادى سىستېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇھ، 8 دۆلەت گۇرۇھى نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ئويلاشقاندا ئۇلارنىڭ تەسىرى كۈچىنى خېلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى دېيىشكە بولىدۇ، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى قاتناشمىسا 8 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ قىيىنغا چۈشىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە