باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقا مۇسۇلمانلىرى ئوباما ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى(2)

2013.06.17 13:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادۋۇكاتلار ئۆمىكى ئوباما ھۆكۈمىتىنى يەمەن، پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈردى، دەپ ئەرز قىلىندى.

  ئادۋۇكاتلار ئۆمىكى 600 نەچچە بەتلىك ھۆججەت تاپشۇرۇپ ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ۋاشىنگتون گۇمانلىق تېررورچىلارنى ئىزدەشنى باھانە قىلىپ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

  نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۆت يىل مابەينىدە قوزغىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنىڭ سانى سابىق پىرېزىدېنت بوش ئاقسارايدا ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەش قېتىم ئارتۇق ئىكەن.

  دوكلاتتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى 176 ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 474 دىن 881 گىچە پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مۆلچەرلەندى. 、مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمانلار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 49 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسنىڭ %1.5 ئىگىلەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە