باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇلايمان چەتئەل ئارمىيىسىنىڭ سۇرىيەگە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2013.06.09 13:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان پىرېزىدېنتى سۇلايمان 7-ئىيۇن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە لىۋان ھەر قانداق شەكىلدىكى چەتئەلنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق لىۋانلىقنىڭ سۇرىيە كرىزىسىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ دەپ تەكىتلىدى.

  سۇلايمان مۇنداق دېدى: لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى زور تۈركۈم سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ لىۋانغا ئېقىپ كىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئېغىر يۈك ھەمدە بۇنىڭدىن پەيدا بولغان سەلبىي تەسىرگە بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىز قالدى، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق بەش نوقتۇلۇق تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى: خەلقئارالىق يىغىن ۋە ئىككى تەرەپ كېڭىشىش شەكلى ئارقىلىق لىۋان بىلەن بىرگە مۇساپىرلار ۋە ماددى ئەشيا يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ يېڭى مۇساپىرلارغا مۇساپىرلار ئۆلچىمى ئىجرا قىلىش؛ ئالاقىدار تەشكىلاتلار ئىمكان قەدەر مۇساپىرلارنى لىۋان چېگرىسىغا ئەمەس بەلكى سۇرىيە چېگرىسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار.

  ئالاقىدار دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە لىۋانغا پاناھلىق تىلەپ بارغان سۇرىيەلىكلەر 500 مىڭغا يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە