باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ، «سىز ئۈچۈن جېنىمىز پىدا»دەپ شوئار توۋلىدى

2013.06.09 13:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورىنىڭ 7-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە زۇڭلىسى رەجەپ تاھىپ ئەردوغاننىڭ نەچچە مىڭ قوللىغۇچىسى ئالدىنقى كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئەردوغاننىڭ زىيارەتتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالغان. بۇ تۈركىيىدە چوڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش باشلانغاندىن بۇيان ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە يىغىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  6-ئىيۇل ئەردوغاننى ھەم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قوللايدىغان 3000دىن ئارتۇق نامايىشچى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىپ «بىز سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى!» دەپ شوئار توۋلىغاچ ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا كىرىپ شىمالىي ئافرىقىغا تۆت كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بېرىپ قايتىپ كەلگەن ئەردوغاننى كۈتۈۋالغان. بۇ تۈركىيىدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم كۈچ كۆرسىتىشى بولۇپ، تۈركىيەدىكى كرىزىسنىڭ ھالقىلىق مەزگىلگە كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئۇلار ئايرودۇرۇمدا ئەردوغاننى كۈتۈۋالغان شۇ پەيتتە ئايرودۇرۇمدىن 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاكسىم مەيدانىغا نەچچە مىڭ نامايىشچى يىغىلىپ «ئەردوغان ئىستېپا بەرسۇن !» دەپ شوئار توۋلاۋاتاتتى.

  ھازىر ئەردوغان باش مىنىستىر بولغان 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، دوختۇرخانا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، ئىس-تۈتەك بومبىسى، يۇقىرى بېسىملىق سۇ پومپىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ 1000دىن ئارتۇق نامايىشچىنى يارىلاندۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە