باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: شىمالىي كاۋكاز ۋەزىيىتى ئالاھىدە كونترول دائىرىسىدە تۇرماقتا

2013.06.09 13:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 7-ئىيۇن قانۇننى قوغداش تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تارماقلىرىدىن شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلار ۋە باندىتلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، بۇ رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئالاھىدە كونترول دائىرىسىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: مىللەتچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان رادىكال ئۇنسۇرلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك، جەمئىيەتنى پارچىلاش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئورۇنىدىغان كىشىلەرنىمۇ بوش قويۇۋەتمەسلىك كېرەك.

  پۇتىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شىمالىي كاۋكاز رايونىدا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى، جىنايەتچىلەرنى جازالاش ۋە باندىتلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قەتئىي ئېغىشماستىن يولغا قويۇش كېرەك چۈنكى بۇ مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت قوراللىق تارماقلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە