باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى(1)

2013.06.09 13:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 31-مايدىن 6-ئىيۇنغىچە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «بۇرغا گېزىتى»دە «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسىنى ئاشكارا تالىشىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىلىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قايتىدىن قىزىقىشى جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېيىلدى. بىر قىسىم تاراتقۇلار ھەتتا جۇڭگو رەھبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئامېرىكىغا ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا جۇڭگونىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دەپ ھېسابلىدى.

  بۇرغا گېزىتى خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكا بىر قانچە يىلدىن بۇيان «تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمى»نى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرىشى ھەرقانداق ئادەمگە نىسبەتەن مەخپىيەتلىك ئەمەس، دېدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ بۇ ئۇسۇلى رايون سىياسىيسى جەھەتتىن ئويلاشقانلىق بولۇپلا قالماستىن يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق. لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارىپ ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق دېدى: ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2010-يىلى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان، ئۆتكەن 10 يىلدا، لاتىن ئامېرىكىسى جۇڭگونىڭ ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە سودا شېرىكى بولغان.

  مېكسىكا كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇرەككەپ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشى، تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنىڭ قورشاۋىنى بۆسۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. رايون سىياسىيسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش لاتىن ئامېرىكىسىدا جىپسىلەشتى، شۇڭا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىرلا ۋاقىتتا لاتىن ئامېرىكىسىغا كۆز تىكتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما مېكسىكا ۋە كوستارىكانى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بېددىن دەرھال كولومبىيە ، تىرىنىداد ۋە توباگو، بىرازىلىيەنى زىيارەت قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. بۇ ئۈچ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىنىڭ بىرىنچى قورشاۋ تېمىنى ھاسىل قىلغان. ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ھۇجۇمىنىڭ نىشانى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە سودا، ئومابا بىلەن بېددىن بۇنى قەتئىي يوشۇرمىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە