باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن(2)

2013.06.06 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋۇ سېكې مۇنداق دېدى: بۇ تۆت تۈرلۈك تەشەببۇس- جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى سايلانغاندىن كىيىن قوللانغان بىر مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئارقىغا سوزۇلۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، بۇ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قارتا، ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر زىددىيەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپكە بىۋاسىتە خىزمەت ئىشلىدى ھەمدە ھەل قىلىش يوللىرىنى كۆرسەتتى. بۇ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ دىپلوماتىيە قارشى ۋە خىسلىتىنى ئىپادىلىدى.

  ۋۇ سېكې مۇنداق دېدى: جۇڭگو رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قىلغان سەپىرىم جۇڭگونىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ بىر قىسمى.

  شۇ يەردىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋۇ سېكېنىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قىلغان سەپىرى قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ۋەزىيەتنىڭ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەت، ساقىت شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يېڭى قاراش ۋە يېڭى ئىدىيە ئېلىپ كېلىدۇ.

  زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار ئەرەب ئەللىرى بىلەن پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە بىر قەدەر كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ۋۇ سېكې شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللاش مەيدانى مىسىر، ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ماختىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ئىيوردانىيەنىڭ شاھزادىسى ھەسەن جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن ئىجادى تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى. مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى فازى جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئادىل مەيداندا تۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى، جۇڭگو ئادىل تەرەپتە تۇرۇپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىدى، دەپ ھېسابلىدى .

  جۇڭگونىڭ سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى دىپلوماتىيە قارىشىمۇ بارغانسېرى كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك، جۇڭگونىڭ مەيدانى ئادىل ۋە ئاقىلانە بولدى دەپ ھېسابلىدى. ۋۇ سېكې مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشلىنىشىدىلا سۇرىيە مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ مەيدان بارغانسېرى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشتى. سۇرىيە كرىزىسىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىشى كېرەك. بۇ تەدرىجىي ھالدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانماقتا.

  جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىقا قاتنىشىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشىغا زور ئۈمىدلەرنى باغلىماقتا.

  پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە، ئىيوردانىيە شاھزادىسى بىلەن مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى فازى مۇنداق دېدى: بىز، جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە تۇرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سۇرىيە مەسىلىسىدە، ئالاقىدار دۆلەتلەر يىغىننىڭ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ سۇرىيەگە چېتىشلىق 2-قېتىملىق خەلقئارا يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىچىلىشىغا تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى تەسىر كۈچى ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم ئورنى سۇرىيەدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشنى توختىتىش، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قايتىدىن ئورنىتىشدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ياراشتۇرۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە، چۈنكى جۇڭگو 3- دۇنيا ئەللىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە