- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە بىلەن جۇڭگو دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى بىرياققا قايرىپ قويۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى
2013.06.05 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن توكيودىن بەرگەن خەۋىرى: ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ھىرو نوناكا 4-چېسلا ئوساكادا ياپونىيە بىلەن جۇڭگو دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى بىرياققا قايرىپ قويۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلىرى پۇقرالارغا ئادەتتىن تاشقىرى خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كەلدى. «نەق سەۋەبى يايونىيە ھۆكۈمىتى تالاش-تارتىشىنى بىرياققا قايرىپ قويۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا ئېتىبارسىز قارىغانلىقتىن بۈگۈنكىدەك زىددىيەت كېلىپ چىقتى» دېدى.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە