باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنى جازالايمىز دەپ تەھدىت سالدى

2013.06.04 17:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى 2-ئىيۇن ئاگاھلاندۇرۇپ: ناۋادا لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسى سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا داۋاملىق ئارىلىشىۋېرىدىغان بولسا، كومىتېتىمىز ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن پايدىسىنى توختىتىدۇ دېدى.

  پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بەھرەيىننىڭ دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى جانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كومىتېتىمىز ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشى شىئە مەزھىپىگە قاراشلىق سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئۈچۈن دەپ قارايدۇ، كومىتېتىمىز ئاللاھ پارتىيىسىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇنى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزمىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئاممان، قاتار ۋە بەھرەين پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە