باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتىكى «قانلىق 5-ماي» ــ دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشى

2013.06.04 17:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 2-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، تېخى يېقىندىلا ئۆتۈپ كەتكەن 5-ئايدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئىراقنى ناھايىتى ئېغىر ئازاب–ئوقۇبەتلەرگە دۇچار قىلغان. ب د ت ئىراققا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى 1-ئىيۇل مۇناسىۋەتلىك سانلىق-مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، 5-ئايدا ئىراقتا جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ دىنى مەزھەپ ئۇرۇشىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بۇ يىلقى 5-ئاينىڭ 2008-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق بىر ئاي بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئۇندىن باشقا 4-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 2000 دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  ب د ت ئىراققا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق-مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، 1-مايدىن بۇيان تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق كىشى دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشى جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغان، ئۇندىن باشقا يەنە 2400 كىشى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. بۇ جەرياندا ئۆلگۈچىلەرنىڭ %90 ى ئاددىي ئاۋام-پۇقرا ئىكەن. ب د ت ئىراققا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى مارتىن كېبۇلې (Martin Ke Bule) مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر سانلىق-مەلۇمات راستتىنلا بىر «ئازابلىق ئۇچۇر» بولۇپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىراقتىكى يۇقىرىقىغا ئوخشاش زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ۋە دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمەن.

  بازا تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشى ۋە سۈنئىي مەزھىپىدىكى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى مالىكى (Maliki) باشچىلىقىدىكى شىئە مەزھىپىگە جەڭ ئېلان قىلىشى سەۋەبىدىن، ئالدىنقى ئىككى ئايدا تەخمىنەن 1700 ئادەمنى ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئىراق دىنىي مەزھىپى ئۇرۇشىنىڭ ناھايىتى يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە