باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىيوردانىيەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن

2013.06.04 17:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسى ئەمەلدارى 3-ئىيون ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئايدا ئىيوردانىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان كۆپ دۆلەت ھەربىي ئىشلار مانېۋىرىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىيوردانىيەنى ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى ۋە F-16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

  ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىيوردانىيەدە تۇرۇشلۇق 200 ئەسكىرى، تۈركىيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق 400 ئەسكىرى باركەن. ئالدىنقى ھەپتە سۇرىيىگە بېرىپ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماككائىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى «نېۋيورىك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىيوردانىيەنى قۇرال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى مەزكۇر رايوندا ئارىلىق رايون قۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى، دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە