- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئىراننىڭ پۇل ۋە ئاپتوموبىل كەسپىگە جازا قوللاندى
2013.06.04 17:40
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن ئىراننىڭ پۇلى رىيال ۋە ئاپتوموبىل كەسپىگە جازا قوللىنىشنى تەستىقلىدى. ئوباما يېڭىدىن ئىمزا قويغان پىرېزىدېنت بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا رىيال سودىسى ياكى ئىراندىن باشقا جايدا رىيال بىلەن ھېساب قىلىدىغان چەتئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى تەسىس قىلىشنى جازالايدۇ.
بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىران پۇلىغا جازا قوللىنىشى. بۇنىڭدىن سىرت ئوباما يەنە ئىراننىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنى جالاشقا ھوقۇق بېرىپ، ئىرانغا يىنىك ۋە ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى سېتىپ بېرىش ياكى مۇلازىمىتى قىلىشنى چەكلىدى.
ئاق ساراي باياناتچىسى جېيى كارنىي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش تىرىشچانلىقىنى توسۇشنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ بۇنىڭدىن مەقسەت ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە تاقابىل تۇرغانلىقىغا بەدەل تۆلەتكۈزۈش. غەرب ئەللىرى ئىراننى مەخپىي يادرو قورالى تەرەققىي قىلدۇردى دەپ ئەيىبلىدى، ئېران بولسا يادرو پىلانىمىز توك تارقىتىش ۋە داۋالاشنى مەقسەت قىلغان دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە