باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگوغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە قاچاندىن باشلاپ ئۆزگىرىش بولدى؟(1)

2013.06.04 17:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا دۆلەت مۇداپىيە ھەققىدىكى يېڭى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى، بۇنى كىۋىنرۇت ھۆكۈمىتىنىڭ2009-يىلى ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىيە ئاق تاشلىق كىتابى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگوغا بولغان پوزىتسىيىسىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  2009-يىلىدىكى ئاق تاشلىق كىتابقا « ئاسىيا ئەسىرىدە ئاۋسترالىيەنى قوغداش: ھەربىي كۈچ 2030» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى، تۆت يىلدىن كېيىن گىلارد ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىيە ئاق تاشلىق كىتابىدا ماۋزۇ يوق. ئالدىنقىسىدا «جۇڭگو تەھدىتى» ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى ھەمدە: ناۋادا جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتى، قېلىپى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسە، ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلار پىلانىنى ئاكتىپ ئىزاھلىمىسا، ئۇنداقتا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ دېيىلدى. كېيىنكىسىدە بولسا جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى قارشى ئېلىندى، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىيە كۈچىنىڭ ئۆسۈشى ھەمدە ھەربىي ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى ئۆز ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ۋە مۇۋاپىق نەتىجىسى دېيىلدى، ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگونى رەقىبى دەپ بىلمەيدىغانلىقى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى سىياسىتىنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ قەد كۆتۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە بۇ رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك رىقابىتىنىڭ توقۇنۇش پەيدا قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

  ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيان، جۇڭگو نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچىسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ زېمىن مەسىلىسىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىق ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى خاتا تاشلارغا ئىگىدارلىق بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى قەتئىي، تەدبىرلىرى كەسكىن بولدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابتا نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا تېخىمۇ يېقىنچاق بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاۋسترالىيەگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى. دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك ئېشىشنى ساقلاپ قېلىپ، غەرب دۇنياسىدىكى بىردىن بىر تەسىرگە ئۇچرىمىغان دۆلەت بولۇپ قالدى، جۇڭگو ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، شۇنداقلا ئاساسلىق چەتئەل مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبىيى. نۆۋەتتە ياۋروپا قەرز كرىزىسىغا پېتىپ قالغان، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولغاچقا، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ماتورىغا ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئاۋسترالىيەنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئاپرېلدا گلارد جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ پۇلىنى بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بېكىتتى، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە