- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى(2)
2013.06.03 16:07
شۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىسادى يۈز يىلدىن بۇيان ئىزچىل سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، شۋېتسارىيە 95 پىرسەنت خام ئەشيا، بارلىق ئېنېرگىيە ۋە 60 پىرسەنت ئىستېمال بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ پىرسەنتىدىن 90 پىرسەنتىكىچە بولغان قىسمىنى سىرتقا ساتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شۋېيتسارىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. شۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى 580 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، جۇڭگونىڭ بولسا 8 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يەتتى. ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلسا شۋېتسارىيە دەرھال ئۈنۈم بېرىدىغان پايدىغا ئېرىشىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدىكى تەسىرگە ئىگە گېزىت « يېڭى سىيۇرىخ گېزىتى»دە ئىسلاندىيەلىكلەر ئالدىدا ماڭدى دېگەن خەۋەرنىڭ بېسىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
جۇڭگو بىلەن بولغان ياخشى سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ۋە كېڭەيتىش شۋېتسارىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ھايات-ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. شۋېتسارىيە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا يەنە بىر قېتىم ئالدىدا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىپلا قالماستىن، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگىمۇ يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.
جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۋېتسارىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش بىر ياخشى پۇرسەت بولۇپ، مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن شۋېيتسارىيەنىڭ سودا سوممىسى جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن 300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە شىمالىي ياۋروپادىكى ئىسلاندىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا شۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىقتىسادى تېخنىكىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت. نۆۋەتتە سودا قورۇقچىلىقى كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا، ياۋروپا بىلەن ياپونىيە ئەركىن سودا ھەمكارلىقىنى تېزلىتىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن شۋېيتسارىيەنىڭ ئەركىن سودا ھەمكارلىقى ھەققىدە بىردەكلىككە كېلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۋېتسارىيە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ چوڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشتىكى ئۇلاش ئېغىزى ۋە تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلاندى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئەركىن سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا باشلانچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئىككى دۆلەت تاشقى سودا جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىدىكى دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئارقىلىق، دۇنياغا قول تۇتۇشۇپ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قۇلايلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ھەققىدە ئىجابىي سىگنال بەردى، بۇ ياخشى بولغان خەلقئارا سودا مۇھىتىنى قوغداپ، دۇنيا سودىسىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ تەسىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. شۇڭا، جۇڭگو بىلەن شۋېيتسارىيەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، نەچچە نۆۋەت جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىردا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، ئۇلار ئەجىرلىك ئەمگىكى ئارقىلىق ئاخىرى جۇڭگو بىلەن شۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە