باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تارىخىي پۇرسەت(2)

2013.06.03 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇندىن باشقا، سۇرىيە پىرېزىدېنتى باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ياكى چۈشمەسلىكى يەنىلا ھەر قايسى تەرەپلەر دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ «مەملىكەت ئىتتىپاق» شۇنداقلا بىر قىسىم غەرب ئەللىرى باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ئىزچىل سۆھبەتلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ كېلىشى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىدى. سۈرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم يېقىندا، باشار 2014-يىلدىكى چوڭ سايلامدىن بۇرۇن داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ھەمدە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈسىتىدە ئىزىدىنىشىمۇ مۇمكىن، بەلگىلەش ھوقۇقى سۇرىيە خەلقىنىڭ قولىدا، دېدى. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، يېقىندا نۇرغۇن دۆلەتلەر سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قوللاندى، بۇ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ سۇرىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا ئامال قىلالمىغان ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

  نۆۋەتتە، غەرب ئەللىرىنىڭ سۇرىيە توقۇنۇشىغا ئومۇمىي جەھەتتىن ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىش پىلانى يوق. بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈۋەتتى، كۆپ تەرەپ غۇلغۇلا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئېھتىياتچان بولىدىغانلىقىنى، ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ئۆكتىچى گۇرۇھلارنى قوللاش جەھەتتىكى كۆرسىتەلەيدىغان كىچىك تىرىشچانلىقى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىدە غەرب ئەللىرى ئىشىنىدىغان ۋەكىل يوق. سۇرىيە توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشگە ئەگىشىپ، غەلبە فىرونتى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەبىي كۈچلەر بارغانسېرى جانلىنىپ كەتتى، سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى قاتارلىق مۆتىدىل كۈچلەر كۈنسېرى پارچىلىنىۋاتىدۇ. غەرب ئەللىرى ئىشىنىدىغان ئۆكتىچى گۇرۇھلار دائىم بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدى، غەرب ئەللىرى ئەشەددىي ئۇرۇش قىلىدىغان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئانچە ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۆتىچىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا يەتمەك ناھايىتى تەس.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ مەنيۈەن بۇندىن بۇرۇن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: سىرتقى كۈچلەر ئارىلاشقاچقا سۇرىيە مەسىلىسى ھازىرغىچە ھەل قىلىنمايۋاتىدۇ ھەمدە بۇ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولدى. سۇرىيە كىرىزىسنى ياخشىلاش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت تىنچ ياراشتۇرۇش توغرىسىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بەلكىم بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئالغان ئەڭ چوڭ ساۋىقى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  بۇ قېتىمقى سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى يېقىندا جەنۋەدە ئېچىلماقچى، بۇ سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، سۇرىيە كىرىزىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىشنىڭ تارىخىي پۇرسىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى تىرىشىپ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە