باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ھىندىستانغا بېرىپ ئېغىر قوراللار جەھەتتە ياردەم سورىدى(2)

2013.05.22 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاتالمىش دۇلەن لىنيەسى پاكىستان بىلەن ئافغانسىتاننىڭ 2640 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا ئايرىش سىزىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنى ئەنگىلىيەلىكلەر 1893-يىلى ئايرىغان، بۇنىڭدىن مەقسەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئافغانىستان بىلەن ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىكى ھىندىستاننى ئايرىش. پاكىستان بىلەن ھىندسىتان 1947-يىلى ئوخشاش ۋاقىتتا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۇلەن لىنىيەسى ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئەمەلىي چېگرا سىزىقى قىلىندى، شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان بۇ چېگرا ئايرىش سىزىقىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى رەت قىلىپ، قايتا نارازىلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئافغانىستان پوشتۇ مىللىتىنىڭ مەركىزىي رايونىدا ئايرىلغان دۇلەن لىنيەسىنىڭ خەلقئارا چېگرا سىزىقى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى.

  بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت قىسىمى ئوتتۇرىسىدا چېگرا ئىشلىرى ۋە يېڭى قاراۋۇلخانا قۇرۇش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ سۈركىلىش بولدى. 1-ماي كەچتە ئىككى دۆلەت قىسىمى چېگرا ماجراسى قىلىپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئەڭ قاتتىق توقۇنۇشتى، ئافغانىستان: توقۇنۇشتا بىر ئافغانىستان ساقچىسى قازا قىلدى، 9 نەپەر پاكىستان ئەسكىرى يارىلاندى، 3 ھەربى گازارما ۋە ئىككى قاراۋۇلخانا بىت چىت قىلىندى دېدى، پاكىستان: ئىككى چېگرا ساقچىسى يارىدار بولدى دېدى، ئىككى تەرەپ بىر بىرىىنى ئالدى بىلەن ئوق چىقاردى دەپ ئەيىپلەشتى.

  5-ماي پاكىستان ئافغانىستاننىڭ چېگرىدىكى قوراللىق تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قوزغاپ، 16 قوراللىق خادىمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، 12-ماي پاكىستان ئارمىيەسى يەنە ئافغانىستاننىڭ قۇنار ئۆلكىسىنى توپقا تۇتۇو، ئاز دېگەندە ئىككى بالىنى يارىلاندۇردى، 4 ئېغىز ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ كەسكىنلەشتى.

  شۇ ئىشتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسمى كارزاي ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ ياخشى قوراللار بىلەن جابدۇنۇپ، چېگرىدا پاكىستاننىڭ تەھدىدىگە تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئافغانسىتانلىق بىر ئەمەلدار يېقىندا مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ كارزاي ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ئافغانىستان مۇداپىئە قىسمىنى قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ توپ زەمبىرەكلىرىگە ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان يەنە ئافغانىستاننى ئايروپىلان، ئېغىر قوراللار ۋە بىرونۋىك ۋە باشقا ھەربىي جابدۇقلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان بىربىرىنى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قاراپ كەلگەن ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا ئازدۇر كۆپتۇر مەنپەئەتى بار بولۇپ، بىرىبىرىگە يول بەرمەي ئۇزاقتىن بۇيان ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن پۇت تېپىشىپ كەلدى.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرا توقۇنۇشى ھىندىستاننىڭ ئافغانىستانغا ھەربىي ئارلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، ھىندىستان ئافغانسىتاندا پاكىستان كۈچلىرىنى سىقىپ چىقىرىدىغان چوڭ پۇرسەتكە ئىگە بولدى.

  1996-يىلىدىن 2001-يىلغىچە تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، پاكسىتان تالىباننى قوللاش ئارقىلىق ئافغانىستاندا غايەت زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولدى، ھىندىستان ئەينى چاغدا تالىبان بىلەن قارشىلىشىۋاتقان شىمال ئىتتىپاقى مىللىتارست كۈچلىرىنى قوللاپ، ئۇزاق ۋاقىت ئافغانىستان ئىشلىرىدا چەتكە قايرىلىپ قالدى، 2001-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا ئۇرۇش قوزغاپ، تالىباننى ئاغدۇرغاندىن كېيىن ھىندىستان تېز ئارىلىشىپ، ئافغانىستانغا مەبلەغ ياردەم بەرگۈچى دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئافغانىستاندا قوللاشقا ئېرىشتى.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، 2001-يىلدىن باشلاپ، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستانغا بەرگەن مەبلەغ ياردىمى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئەمما ھىندىستاننىڭ ئافغانىستانغا سالغان مەبلىغى ئاساسلىقى كابۇل يېڭى پارلامېنت بىناسى قۇرۇلۇشى، ئافغانىستاننىڭ خاگىجاك رايونى بىلەن ئىراننىڭ چاباگخال پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىگە مەركەزلەشتى، ئافغانىستاننىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا بەك كۆپ ياردەم بەرمىدى، ئەمما 2011-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئىككى تەرەپ ھەربىي مەشق جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا يول قويغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئافغانىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرى ھىندىستانغا بېرىپ تەربىيەلەندى.

  ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما شۇكى، پاكسىتان گەرچە ئافغانىستانغا ئىستراتېگيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئەمما كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىلگىرلەش بولمىدى، ئەڭ جىددىي يېرى شۇكى پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تېررورلىققا قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى قوللىغانلىقتىن ئافغانىستانلىقلار تەرىپىدىن ئۆز قېرىندىشىنى قىرغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، يېقىندا يەنە ئىككى دۆلەت قىسىمى چېگرىدا تۇتۇشۇپ قېلىپ، ئافغانىستان تەرىپىدىن تاجاۋۇزچى دەپ قارالدى، پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا باشلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە