باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەردە مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى(3)

2013.05.22 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ 18-ماي ئېيتىشىچە، سەككىز نەپەر ئىراق ساقچىسى شۇ كۈنى غەربىي قىسىمدىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، ئاز دېگەندە 8 كىشى ئوخشاش بولمىغان جايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇمدا قازا قىلغان.

  شۇ يەردىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەربابنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە: ساقچى تەرەپنىڭ بىر چارلىغۇچى ئەترىتى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادى شەھىرىگە يېقىن جايدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان مەرگەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 8 ساقچى تۇتقۇن قىلىنغان.

  ساقچى تەرەپنىڭ بۇ خەۋەردار ئەربابىنىڭ ئاشكارىلىشىچە: شۇ كۈنى رامادى شەھىرىگە يېقىن جايدا ھۆكۈمەت بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ خادىملىرى بىلەن شۇ يەردىكى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى كىشى قازا قىلغان. بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ خادىملىرى بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر رايوندا ئىككى نەپەر قەبىلە ئاق ساقىلىنى قولغا ئالغان، بۇ ئىككىيلەن يېقىندا يۈز بەرگەن بەش ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە قاتناشقان. قەبىلە باشلىقىنى قوللىغۇچىلار بىر ھەربىي ئاپتوموبىلىنى ۋەيران قىلىپ، بىخەتەرلىك قىسىمىنى بۇ رايونىدىن چېكىنىشكە مەجبۇرلىغان.

  ئۇندىن باشقا ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە: بىر قانچە مەرگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى بىر ئەمەلدارنىڭ باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيىگە كىرىپ، بۇ ئەمەلدارنى، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى ئېتىپ تاشلىغان. ئۇلار قېچىپ كېتىۋاتقاندا يەنە بىر ساقچىنى ئېتىپ تاشلىغان.

  ئۇندىن باشقا، ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيارا ئۆلكىسىنىڭ خارىس شەھىرىدە، ھۆكۈمەتكە سادىق بىر سۇننى مەزھىپى تەشكىلاتى بولغان ئويغىنىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قەستكە ئۇچرىغان.

  يېقىندا، ئىراقتىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننى مەزھىپى ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيگەنلىكتىن، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. ئىراقتا 17-ماي بىر قاتار زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 73 كىشى قازا قىلدى، 148 كىشى يارىلاندى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە