باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەردە مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى(2)

2013.05.22 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋاننىڭ بىخەتەرلىك ئەربابىنىڭ 19-ماي ئېيتىشىچە: لىۋاننىڭ شىمالىدىكى تىرىپولى شەھىرىدىكى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار شۇ كۈنى كەچتە قۇراللىق توقۇنۇشۇپ، ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ قازا قىلىشنى، بەش ئادەمنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تىرىپولىنىڭ مۇھسىن تاغلىق رايونىدىكى سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە سادىق ئاللاۋى قۇراللىق خادىملىرى بىلەن تابانامىن رايونىدىكى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سۇننى مەزھىپى قۇراللىق خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولغان. بۇ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى لىۋان بىلەن چېگرىلىنىدىغان سۇرىيە چېگرا رايونىدىكى كىچىك بازار قۇسەيىرگە كىرگەنلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنكەن.

  بىر بىخەتەرلىك ئەربابى مۇنداق دېدى: توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا تۇرۇشلۇق لىۋان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، دەرھال بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستىھكامىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئىككى گۇرۇھنىڭ قۇراللىق خادىملىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان ھەمدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا چارلاشنى كۈچەيتكەن. توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايوندا ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالار ئارقا-ئارقىدىن باشقا جايلارغا چىقىپ كەتكەن.

  توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، تىرىپولى تەنتەربىيە سارىيىدا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بىر پاي غايىب ئوق تەنتەربىيە سارىيىغا چۈشۈپ، مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان بىر بالىنى يارىلاندۇرغان، ترېنېر بۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىنى توختاتقان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2008-يىلدىن بۇيان، تىرىپولى مۇھسىن تاغلىق رايونىدىكى ئاللاۋى قۇراللىق خادىملىرى بىلەن تابانامىن رايونىدىكى سۇننى مەزھىپى قۇراللىق خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا 10 نەچچە قېتىم قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 100 دىن كۆپرەك كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، نەچچە مىڭ كىشى يارىلانغان. 2011-يىلى 3-ئايدا سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش كۆپىيىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر يارىلانغان ۋە قازا قىلغان ھەمدە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىققان. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، بۇ ئىككى رايوندا يەنە قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 كىشى قازا قىلغان، 30 دىن كۆپرەك كىشى يارىلانغان.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە