باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيە سىگانلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھۆكۈمى چىقاردى (2)

2013.04.22 14:31   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئەنگىلىيە سىگانلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھۆكۈمى چىقاردى (2)

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 20-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋارك ۋىلايىتىنىڭ مېرىدېن رايونىدا قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقان سىگانلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھۆكۈمى چىقارغان ، شۇنىڭغىچە ، يەرلىكلەر بىلەن سىگانلارنىڭ كۈرىشى ئۈچ يىل داۋاملاشقان .

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم سىگانلار 2010-يىلى مايدا مېرىدېنغا كۆچۈپ كېلىپ ، يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ قولىدىن بىر پارچە يېشىللىقنى سېتىۋېلىپ ، لاگېر (بارگاھ) قۇرۇپ ئولتۇراقلاشقان . ھالبۇكى ، بۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان ، ئۇلار ھەتتا ئادەم تېمى تەشكىللەپ ، كېچىدە پوستتا تورۇپ ، تېخىمۇ كۆپ سىگانلارنىڭ كىرىشىنى توسقان ، ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشى ئۈزۈلمىگەن .

  2013-يىلى مارتتا، ئەنگىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ رايوندىكى سىگانلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھۆكۈمى چىقارغان ھەمدە مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلاردىن ۋەيران قىلغان يېشىللىقنى بىر ئاي ئىچىدە ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان . قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ، سىگانلار ئايرىلىش ئالدىدا بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتكەن .

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز