- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گېرمانىيە 2015-يىلى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكىرىنىڭ سانىنى 800 دىن ئازايتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2013.04.21 16:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 18-ئاپرېل، 2014-يىلنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىن بارلىق ئۇرۇش قىلغۇچى قىسمىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە فېدىراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىدا 600 دىن 800 گىچە ئەسكىرىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسمىنى مەشق قىلدۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرى ئاساسلىقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تىنچلىقنى ساقلاش ۋە قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماقتا، ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇزۇش كۆلىمىنى تەدرىجىي ئازايتماقتا. نۆۋەتتە گېرمانىيە فېدىراتسىيەسى پارلامېنتى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گېرمانىيە ئەسكەرلىرى 2014-يىلنىڭ باشلىرىدا 3300 گە ئازايتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە