باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇبارەك قويۇپ بېرىلدىمۇ؟(2)

2013.04.17 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلىمە

  باش سوتچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى سەۋەبلىك بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىش كېچىكتۈرۈلدى

  ئەسلىدە 13-ئاپرېل مۇبارەكنى قايتا سوتلىماقچى بولغان بولۇپ، شۇ كۈنى قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى پايتەخت قاھىرەدىكى ساقچى ئىنىستىتۇتىدا قايتا سوت قىلىشنى باشلىدى، بىراق سوت ئېچىپ «نەچچە سىكونت» بولۇپلا باش سوتچى مۇستاپا ئابدۇللا بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش ئۇنى «تولىمۇ مۇشكۈل ھەم ئەنسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى» سەۋەبلىك، قاراپ چىقىشتىن چېكىنىدىغانلىقىنى، بۇ دېلونى قاھىرە نارازىلىق ئەرزى سوتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  بۇ قارار جاكارلانغاندىن كېيىن، سوت پات-پاراق بولۇپ كەتكەن. بەزى 2011-يىلدا قازا قىلغان نامايىشچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە ئادۋوكاتلار قاتتىق غەزەبلىنىپ، «خەلق مۇبارەكنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ!» دەپ توۋلىغان.

  بۇلتۇر مۇبارەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولماي بىر مەزگىل ھۇشسىز ياتقان. بىراق 13-ئاپرېل قارىماققا ئۇنىڭ روھىي ھالىتى خېلى ياخشى بولغان. سوتچى سوت مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا تىك ئۇچار بىلەن بۇندىن بۇرۇن داۋالىنىۋاتقان بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە