4-ئاينىڭ 15-كۈنى چاۋشيەننىڭ مەرھۇم دۆلەت رەئىسى كىم ئىرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىق خاتىرە كۈنى. گەرچە يېقىندىن بۇيان چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «قۇياش بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتى نورمال ئېلىپ بېرىلغان، بايرام كۈنىدىكى پيۇڭياڭ شات-خۇراملىق كەيپىياتىغا چۆمگەن.