باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران: مىسىر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ۋاقىت بار

2013.04.16 10:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 14-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ مىسىر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ۋاقىت ۋە سەۋر-تاقەت كېتىدۇ.

  ئۇ شۇ كۈنى ئىران خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مىسىرنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى يەنىلا مۇقىم ئەمەس، ئىككى دۆلەت نۆۋەتتە تۆۋەن دەرىجىلىك مۇناسىۋىتىدىن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرماقتا.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىران ئىلگىرى كۆپلىگەن سورۇنلاردا مىسىر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا توسالغۇ يوق، بىراق مىسىرنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاساسىنى ھازىرلىمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە