باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە پارلامېنتى ساچېر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا تەييارلاندى

2013.04.09 16:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچېر خانىم 8-ئاپرېل ۋاپات بولدى، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن پالاتالىرى پاسخا بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى بىكار قىلىپ، 9-ئاپرېل بىر ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، ساچېر خانىمغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەم ئۇنى دەپنە قىلىشقا تەييارلاندى.

  8-ئاپرېل ئەنگلىيە پارلامېنت بىناسى، باش ۋەزىر مەھكىمىسى ۋە ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرى دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈردى. ئەنگلىيەدە بۇندىن بۇرۇن دۆلەت دەپنە مۇراسىمى شەرىپىگە ئېرىشكەن خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان كىشى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى باش ۋەزىر چېرچىل ئىدى.

  مارگارىت ھىلدا ساچېر خانىم 1925-يىلى 13-ئۆكتەبىر ئىنگلاندنىڭ لىنكولىن ۋىلايىتى گرانتام شەھىرىدە بىر مىلىچمال سودىگىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ساچېر خانىم تەختكە چىققاندىن كېيىن، دادىل ئىسلاھاتنى باشلاپ، مالىيە جەھەتتە پۇلچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى چىقىمنى قىسقارتىپ، باجنى ئازايتقان؛ ئىقتىساد جەھەتتە كەڭ كۆلەملىك خۇسۇسىيلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ جەمئىيەت ساھەسىدە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئازايتىش، تىزگىنلەش ۋە ئىسلاھ قىلىشنى يولغا قويغان. بۇ بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرى گەرچە ئەنگلىيەدە قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ھەممە ئادەم كۆرگەن.

  1990-يىلى 11-ئايدا، ساچېر خانىم باش ۋەزىرلىكتىن ئىستىپا بەرگەن. ساچېر خانىم سىياسىي مۇنبەردە كەسكىن بولۇپ، بەزىلەر ماختىغان، بەزىلەر ئەيىبلىگەن، ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن «تۆمۈر ئايال» دەپ ئاتالغان. 1984-يىلى 12-ئايدا، ساچېر خانىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، جۇڭگو-ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى شياڭگاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتنى ئىمزالىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە