باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كارزايىغا راكىتا بومبىسى تىگىپ، جېنىدىن ئايرىلىغىلى تاس قالدى

2013.04.09 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى 8-ئاپرېل، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى فاراھ ئۆلكىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۋاتقاندا راكىتا ئوقىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغىلى تاس قالغان.

  كارزايى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، فاراھ ئۆلكىسىگە بېرىپ، 3-ئاپرېل تالىباننىڭ سوت مەھكىمىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغىلى بارغان. كۆرۈشۈش پائالىيتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئىككى راكىتا بومبىسى يىراق جايدا پارتلاپ ئۆلۈش يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. ئافغانىستان زۇڭتۇڭ باياناتچىسى مەزكۇر جايدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ كارزايى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان مەيداننى قارىغا ئالغانلىقىنى، ئەمما نەق مەيداندىكى قوغداش خىزمىتىنىڭ قاتتىقلىقى تۈپەيلىدىن قوراللىق كىشىلەرنىڭ يىراقراق جايدا راكىتا بومبىسىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى. راكىتا بومبىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مۇساپىسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن، نىشانغا تەگمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە