باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2012–يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %2.2 كە چۈشتى

2013.04.09 16:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، ئەنقەرە، 1 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. تۈركىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا: 2012 – يىلى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP ) 2011 – يىلىدىكىدىن %2.2 ئاشقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى، دەپ كۆرسىتىلدى. سانلىق مەلۇماتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇلتۇر تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 416 مىليارد 800 مىليون لىرا (تەخمىنەن 782 مىليارد 500 مىليون دوللار) غا يېتىپ، 2011 – يىلىدىكىدىن %2.2 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ 504 دوللارغا يەتتى.

  2012 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، 1 – پەسىلدىكى %3.4 تىن 4 – پەسىلدىكى %1.4 كە چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 4 – پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى. 2011 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8 تىن ئاشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئەڭ تېز ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. ۋەھالەنكى، 2011 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەتىرى چوڭىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجىي ئاستىلىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتى قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: 2013 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلىشىپ %3.5كە يېتىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە