- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چاۋشيەن 2012- ۋە 2013-يىللىق دۆلەت خامچوت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى
2013.04.03 15:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەننىڭ مالىيە ۋەزىرى سۈي گۇاڭجىن 1-ئاپرىل ئېچىلغان چاۋشيەننىڭ 12-نۆۋەتلىك ئالىي خەلق يىغىنىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىدا ، چاۋشيەننىڭ 2012-يىللىق دۆلەت خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2013-يىللىق دۆلەت خامچوت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەن . دوكلاتتا: 2013-يىللىق چاۋشيەن دۆلەت خامچوت چىقىمى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا % 5.9 ئېشىشى مۆلچەرلىنىپ ، خامچوتنىڭ قىسمەن چىقىملىرى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلىدۇ ، دېيىلگەن .
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : بۇلتۇر چاۋشيەننىڭ دۆلەت خامچوت كىرىمى نورمىدىن % 1.3 ئارتۇق تاماملاندى ، يەرلىك خامچوت كىرىمى نورمىدىن % 13.8 ئارتۇق تاماملاندى . دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان : بۇلتۇر چاۋشيەن خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دۆلەت خامچوتىدىن جەمئىي % 44.8 مەبلەغنى چىقىم قىلدى، خەلققە مايىل تەدبىرلەر ۋە مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ساھەسىگە جەمئىي % 38.9 مەبلەغنى چىقىم قىلدى ، ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپ ، ھەقسىز داۋالىنىش تۈزۈمى ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ، تىنچ كۈتۈنۈش ۋە دەم ئېلىش قاتارلىق سوتسىيالىستىك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ، ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتى ۋە تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2013-يىللىق دۆلەت خامچوت چىقىمىنى بۇلتۇرقىدىن % 5.9 ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن ، خامچوتنىڭ مەلۇم قىسمى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە