- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇدان زۇڭتۇڭى مىللىي سۆزلىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.04.03 15:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر بۈگۈن سۇداندىكى سىياسىي گۇرۇھلارغا دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن مىللىي سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت دۇچ كەلگەن بارلىق مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بەشىر پارلامېنتتا سۆز قىلغاندا يەنە: سۇداندىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ مىللىي سۆزلىشىشكە مۇۋاپىق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدىم، دەپ جاكارلىدى.
بەشىر: سۇدان جەنۇبىي سۇدان بىلەن ئىمزالىغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورماللىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە