باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتى يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىقتى(2)

2013.04.01 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى كەينى-كەينىدىن سۆز قىلىپ، ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇقىنى ماختىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش، بىر بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، جۇڭگو سالغان مەبلەغ ۋە بەرگەن ياردەملەر ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە داۋاملىق ئافرىقا ئۈچۈن ھەققانىي سۆز قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا جۇڭگونى قوللاشتا چىڭ تۇرىدۇ.

  زىيارەت مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان سىياسىتىنى «ھەقىقىي، ئەمەلىي، دوستلۇق ۋە سەمىمىيلىك» تىن ئىبارەت تۆت سۆز بىلەن ئىپادىلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتكە: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، مەڭگۈ سادىق دوست ۋە سەمىمىي شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئارا قوللاپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى» ۋە «ئافرىقا ئارزۇسى»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا نوپۇسىنى قوشقاندا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 3تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ كەلگەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى. جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ياردەم بەرگەن تۈرلىرى 900 دىن ئاشتى، ئافرىقىغا 40 نەچچە مىڭ ئىختىساسلىق خادىم تەربىيەلەپ بەردى. 2012-يىلى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سودا سوممىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ خادىم ئالماشتۇرۇشى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نۇرغۇنلىغان ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلىدى. ئافرىقىدىكى جامائەتچىلىك، مۇشۇنداق خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى تېخىمۇ زۆرۈر، دەپ ھېسابلىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ 28-مارت جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ناشتىلىق ئۇچرىشىشىدا، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سەلتەنەتلىك ۋەدە بەردى: جۇڭگو داۋاملىق ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىدۇ. 3 يىل ئىچىدە ئافرىقىغا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بېرىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. «ئافرىقا دۆلەت ۋە رايون ھالقىغان ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. جۇڭگو «ئافرىقا ئىختىساسلىقلار پىلانى»نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كەلگۈسى 3 يىلدا ئافرىقىغا 30 مىڭ تۈرلۈك ساھە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ، 18 مىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىلىق چەتئەل ئوقۇغۇچىلىرى سانى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە