باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئارال دۆلىتىلىك روھىي ھالىتى بىلەن ئۆزىنى چۈشەپ قويماسلىقى كېرەك(2)

2013.04.01 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەل ياخشىلاندى، بۇ ھەرگىز بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەر ئېيتقاندەك بولماستىن، بەلكى ياپونىيەنىڭ نۇرغۇن ياردىمىنىڭ رولىدىن بولغان. تەكىتلەشكە زۆرۈر يېرى شۇكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، ياپونىيەدە ئاسىياغا قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىش تەپەككۇرى پەيدا بولدى. مەسىلەن: تاكېئو فۇكۇدا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، فۇكۇداچىلىقنى يولغا قويدى. فۇكۇدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ياپونىيەنىڭ ھەرگىز قايتىدىن ھەربىي كۈچلۈك دۆلەت بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى ھەم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇشتا، تىنچ، قەلبداش، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى ياپونىيەدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىدىكى تەرەققىياتى ئەمەلىيەتتە يەنىلا فۇكۇداچىلىقنىڭ پايدىسىدىن بولغان. بىراق، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى پەقەت كابىنېت سىياسەت قاتلىمىدىلا توختاپ قالغان بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاسىيا قارىشى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش شەكىللەندۈرەلمىگەن. ياپونىيە ئاسىياغا ھەقىقىي سىڭىشمەكچى بولسا، ئاسىيا دۆلەتلىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، بولۇپمۇ بىر خىل ئۆلۈك تەپەككۇر بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك، بۇ خىل قايتا ئويلىنىش بولمىسا، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ. بولمىسا، ياپونىيە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە يەنىلا بىر خىل كۈچلۈك ئېھتىياتچانلىق تۇيغۇسى ساقلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ. تار روھىي ھالەت بىلەن تاشقى دۇنياغا قارىغاندا، ئاسىيانىڭ قوينىغا ھەقىقىي قايتىپ كېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس. بۇمۇ ھازىر بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەرنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈستىدە داۋراڭ سېلىش ھەم ئامېرىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشىدىكى بىر ئىدىيەنىڭ يىلتىزى. بۈگۈنكى ئاسىيا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ تېز تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى-ئاسىيانىڭ بەختى، ئاسىيا تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى. بۇ-قايسىبىر دۆلەتنىڭ خۇش بولۇش-بولماسلىقى بىلەن ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس، تارىخ مەسىلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش-پەقەت ئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپىش، ئۆز ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش، ئۆز پۇت-قولىنى ئۆزى چۈشەپ قويغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئارال دۆلىتى بولۇشتىن ئىبارەت روھىي بىئاراملىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئاسىيا قارىشى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، تېخىمۇ ئوچۇق روھىي ھالەت بىلەن ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇلۇش-ياپونىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاقىلانە تاللاش بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە