باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە دوكلات ئېلان قىلىپ جۇڭگودىن ھوشيار بولۇشنى ئوتتۇرغا قويدى(2)

2013.04.01 15:04        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شەرقى ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇمىي نەزەر»- بۇ تەتقىقاتخانا ياپونىيەنىڭ شەرقى ئاسىيا رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتى ھەمدە بىخەتەرلىكنى قوغداشتىكى مۇھىم ئىشلارنى زىچ چۆرىدەپ تەھلىل قىلغان بىر يىللىق دوكلات بولۇپ، ئاساسلىق نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ بىرى. ياپونىيەنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن، «شەرقى ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇمىي نەزەر» ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش سۆزلىشىشى ۋە مۇداپىئە ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ياپونىيە بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەر ھەمدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىشىنىش مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت فاڭجېنى بويىچە تارقىتىلغان مۇھىم نەشىر بويۇمى، بۇنىڭدا ياپونىيەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى تەھلىل قىلىنغان، بۇ دوكلات ياپونچە ۋە ئىنگلىزچە دۆلەت ئىچىدە ۋە سىرتىغا تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭ تەھلىل ئوبيېكتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، جۇڭگو، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا، رۇسىيە، ئامېرىكا ھەمدە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرى يەنە مۇنداق دېدى: بۇ دوكلاتتا جۇڭگودىن ھوشيار بولۇش تىلغا ئېلىندى. ياپونىيە كىيۇدو ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ دوكلاتتىكى جۇڭگوغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردا ئىشلىتىلگەن جۇڭگودىن ھوشيار بولۇش ھەققىدىكى سۆز-ئىبارىلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق بولدى.

  ئۇندىن باشقا ياپونىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇرۇنقى دوكلاتلاردا ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە سىياسىتى ئەڭ ئاخىرقى بابتا تىلغا ئېلىناتتى، لېكىن بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، 3-باب ۋە ئالدىنقى يېرىم قىسمىدا تىلغا ئېلىندى. بۇ دوكلاتتا يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇداپىئە پىلانى پىروگراممىسى »نى تەڭشەش ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ياپونىيەچە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى قۇرۇش ھەمدە ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلار ئالاقىدار مەزمۇنلار مۇزاكىرە تېمىسى قىلىندى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا ياپونىيە تاراتقۇلىرى پاش قىلغان ياپونىيە ھۆكۈمىتى پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغان «دىپلوماتىيە كۆت تاشلىق كىتابى»نىڭ مەزمۇنىدا ئوخشاشلا جۇڭگو تەھدىتى تىلغا ئېلىنغان. ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئوڭچىلىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، ياپونىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى كونسېرۋاتىپ كۈچلەر بارغانچە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانماقتا. ياپونىيەدىكى ئوڭچى كونسېرۋاتىپ كۈچلەر دۆلەت ئىچىدە ھەمىشە رايون تەھدىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. ئابى ھاكىمىيىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن دىپلوماتىيە، بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە ھەرىكەت قىلىپ، جۇڭگونى قورشاۋغا ئېلىش، چەكلەش مەقىسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئويۇن ئويناشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ياپونىيەنىڭ توغرا مۇئامىلىسى، سەمىمىيىتىگە مۇھتاج، لېكىن جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسىنى تارقىتىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە