باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو دىپلوماتىيىسىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىنى ئېچىپ بەردى(2)

2013.04.01 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەدىناس دوستنى ئۇنتۇماسلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇشىنى جۇڭگونىڭ قەدىناس دوستىنى ئۇنتۇماسلىق دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن جۇڭگو خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى قەدىناس دوستلىرى بىلەن ئىلگىرىكىدەك ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت ۋە ئورتاق قىممەت قارىشى تەلىپىنى يېڭىباشتىن بىكىتىپ بولالمىدى. باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىدىكى ئىپادىسىدىن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دۇنيادا دوست تاپماق ھەممىدىن قىيىن، دوستى كۆپ بولسا ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ھازىر جۇڭگو ھەقىقى دوست ئىزدىمەكتە.

  شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ «دىپلوماتىيە باشلىنىش سەپىرى» دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يۈكسەك دىققىتى ۋە مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا قىلغان نۇتقى - «جۇڭگو دىپلوماتىيىسىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى»نى ئېچىپ بېرىپ، كىشىلەرنى جەلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ نوتىقىدا مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئەندىزىسىدىكى ئېنىق مەيدانى ۋە ئېنىق تەشەببۇسلىرى چۈشۈنۈشلۈك تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلدى.

  نوتۇقتا جۇڭگو دىپلوماتىيىسىدىكى روشەن «شى جىنپىڭچە ئۇسلۇب» نامايەن قىلىنىپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بولۇپمۇ كىچىك، ئاجىز، نامرات دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەنئەتكار ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئەلچىسى بولغان پېڭ لىيۈەن تۇنجى قېتىم «بىرىنچى خانىم» سۈپىتىدە شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە پەيدا بولدى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا «پېڭ لىيۇەن قىزغىنلىقى»كۆتۈرۈلدى. ئەزەلدىن قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ ئۇنىڭ سالاپىتىنى ماختىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە