باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو دىپلوماتىيىسىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىنى ئېچىپ بەردى(1)

2013.04.01 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى. شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى سىرتتىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيىسىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى بىلىۋېلىشىغا بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. رۇسىيە ۋە ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇپ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقىچە ھەم بۇندىن بۇرۇنقى دىپلوماتىيە سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇلدى ھەم جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلدى.

  ئىتتىپاقداش بولمىسىمۇ ئىتتىپاقداشتىن ئۈستىن كۆرۈش. گەرچە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۈچىنچى دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى كۆپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سىرتنىڭ نەزىرىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەگە ئاللىقاچان «ئىتتىپاقداش»لىق تامغىسىنى ئۇرۇپ بولغان ھەمدە بۇ ئامېرىكىنىڭ «ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستىراتىگىيىسىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لىللا گەپ قىلغاندا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەقىقەتەن دۇنيا ئىستراتېگىيىسى ۋە رايون سىياسىي مەنپەئەتىدە بىرىككەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ بىر قاتار زور خەلقئارا مەسىلىلەردە بىر يەردىن چىقالايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر بىرىگە بېقىنىدىغان، دوست ئۈچۈن جېنىنى ئايىمايدىغان مۇناسىۋەتكە بېرىپ يەتمىدى. ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىستراتېگىيىلىك ئۆزئارا ئىشىنىش، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا پەيدا يەتكۈزۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش ھەمكارلىق نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم رۇسىيەدىكى زىيارىتىنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رۇسىيە يىراق شەرق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ۋە جۇڭگونىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنىڭ پايدا مەنپەئەتىنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىندى.

  يېڭى دوست تۇتۇش. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ئېنىقسىز بولىۋاتقان ئەھۋالدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناشقان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى قىززىق نوقتا بولدى. كېيىنكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى دەۋرىدە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى قايتا بىرىكتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە سۈركۈلۈش كۈندىن كۈنگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەتتى. جۇڭگو بۇ چاغدا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، باشقا تۆت دۆلەتنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان گۇمانىنى تۈگىتىپ، مەنپەئەتتىن ئورتاقلىشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى» ھاسىل قىلىشقا ئېھتىياجلىق.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە