باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى كارزائىنىڭ پەرمانىغا قەتئىي پىسەنت قىلمىدى(2)

2013.03.21 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمەلىيەتتە، ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلىرى نۇرغۇن قېتىم كۆرۈشتى. ئامېرىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقىنى پەقەتلا چېكىنىپ چىقىش پەرمانىلا ئەمەس، كارزائىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تالىپاننىڭ مەخپىي مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلىشى، ئىككى تەرەپنىڭ باغرام تۈرمىسى خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش جەھەتتىكى تىركىشىشى كابۇل شەھىرىنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  9-مارت، ئەسلى شۇ كۈنىگە بېكىتىلگەن باغرام تۈرمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى بىكار قىلىندى. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دىنفورد مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش جەھەتتىكى پىكىرى بىر يەرگە كەلمىدى، مەسىلە ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمىز. كارزائى بولسا، تۈرمىنى كېلەر ھەپتىدە چوقۇم ئۆتكۈزۈۋالىمىز، دېدى.

  بۇ تۈرمە ئىلگىرى ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قۇرئاننى كۆيدۈرۈش سەتچىلىكى بىلەن داڭ چىقارغان. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ تۈرمىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق دەپ بىلىدۇ. بۇندىن باشقا، كارزائى بۇ تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى تالىپانلار بىلەن تىنچ يارىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

  تۈرمىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كارزائى كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىنى كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاچان ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش تېخى نامەلۇم. ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دىنفورد مۇنداق دېدى: كارزائىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سۆزلىرى ئافغانىستان ئەسكەرلىرى بىلەن چەتئەل ئەسكەرلىرى ئارىسىغا زىددىيەت سالدى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئامېرىكىنىڭ ۋارداك ئۆلكىسىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ۋە باغرام تۈرمىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئىبارەت قارىماققا بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق مەسىلىلەر ئاخىرىدا بىرلا ۋاقىتتا سۆھبەت ئۈستىلىگە قويۇلىدى. شۇ يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان بۇ ئىككى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئويلىشىۋېتىپتۇ.

  قاچان چېكىنىش، قاچان ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش توغرىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە سان يوق. شۇنىسى ئېنىقكى ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، مەسىلىنى ھەل قىلىش يەنە كەينىگە سۆرىلىدۇ.

  ئافغانىستانلىق دېھقان مۇسا ئاغرىنىپ: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن كەلدۇق دېگىنىگىمۇ 10 يىلدىن ئاشتى، لېكىن بىز بىرەر مىنۇتمۇ جىمجىتلىققا ئېرىشەلمىدۇق، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنمەسىلىكىدىكى تۈپ سەۋەب ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئىتى ۋە رايون تەسىرى كۈچىدىن كېچەلمەسلىكىدە. ۋارداك ئۆلكىسى پايتەخت كابۇل بىلەن قوشنا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە قىسمىنى چېكىندۈرمەسلىكى ئافغانىستاننىڭ مەركىزىي رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن. باغرام تۈرمىسىگە ئامېرىكا خەتەرلىك ئۇنسۇر دەپ ھېسابلىغان مەھبۇسلار سولانغان، ئامېرىكا ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تالىپانغا قايتىدىن قوشۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

  ئافغانىستان كۈندىلىك نەزەر گېزىتىنىڭ بىر ماقالىسىدە دېيىلگەندەك، كارزائى چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن، چەتئەل ئارمىيەسى ئافغانىستاندا ھەرىكەت قوللانغاندا ئافغانىستاننى ئويلاشماي ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشىدۇ دەپ ھېسابلىغان. كارزائىنىڭ چېكىنىپ چىقىش پەرمانى بولسۇن ياكى ئافغانىستاننىڭ مەھپۇسلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كەينىگە سۆرىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە