باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى قانداق سىگنال بېرىدۇ؟(2)

2013.03.20 16:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. بارغانسېرى كۆپ جامائەتچىلىك بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەرمكتە. ھالبۇكى باشقا مەقسەتلىك كىشىلەرمۇ بار، ئۇلار جۇڭگو ئافرىقىدا «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك قىلىۋاتىدۇ» دەپ ھۇجۇم قىلدى. گەرچە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىيات باسقۇچىدا بەزى يېڭى ئەھۋال يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىشى، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشى تارىختىكى غەرب مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. غەرب مۇستەملىكىچىلىرى قورال كۈچى ياكى ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ بايلىقىنى تالان تاراج قىلىپ، ئادەم ئېلىپ سېتىپ، يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش ئارزۇسى ناھايىتى سەمىمىي، ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن.

  جۇڭگو ئەزەلدىن ئافرىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى. جۇڭگو باراۋرەر ئاساستا ئافرىقىنىڭ بايلىقىنى سېتىۋېلىپ، ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئافرىقا خەلقىنى ھەقىقىي مەنپەتلەندۈردى. زامبىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نيېيىر ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: تارىختا چەتئەللىكلەر ئافرىقىنىڭ بايلىقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئافرىقىدا تۆمۈر يول ياسىغان، لېكىن جۇڭگولۇقلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار بىزنىڭ مىللىي ئىقتىسادىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

  ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش- جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى. مەيلى دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر جۇڭگونىڭ ئافرىقا خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىشتەك مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆزئارا ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى ئىجابىي قىياپەتتە پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە