خۇڭ لېي جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى سوئال توغرىسىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى دۇنيانىڭ ۋە رايوننىڭ ئسىتىراتېگىيەلىك تەكشىلىكى، مۇقىملىقىغا، شۇنداقلا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچكە بېرىپ تاقلىدۇ. جۇڭگو ئىزچىل ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش-ئورتاق پايدا ئېلىش يولى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تاراپ كېتىش مەسىلىسىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىش ۋە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش پەقەت قارىمۇ-قارشىلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇكى، مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا قىلچە پايدىسىز. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق پۇزىتسىيەسىنى تۇتۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە توغرىسىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەربىي بۇيۇم ئېكسپورتىدا ئىزچىل ھالدا ئېھتىياتچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق پۇزىتسىيەسىنى قوللىنىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى قاتارلىق خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە ئاساسەن قاتتىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ كەلدى. جۇڭگو ھەربىي بۇيۇم ئېكسپورتىدا مۇنداق ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىدۇ: بىرىنچى، قۇبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ يوللۇق قوغدىنىش ئىقتىدارىغا پايدىلىق بولۇش، ئىككىنچى، ئالاقىدار رايوننىڭ ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇش، ئۈچىنچى، قۇبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق.
مەنبە: خەلق تورى