باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان چاۋشيەنگە نىسبەتەن ئەڭ يامان چوت سوقۇشى كېرەك(2)

2013.03.18 13:39        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن بىلەن كورىيە قاتتىق تىللاشتى، لېكىن 38-پاراللېل ئىزچىل تىنچ بولۇپ كەلدى، كائىسوڭ شەھىرى سانائەت رايونىدا ئىشلەۋاتقان كورىيەلىك ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمىدى. كورىيەلىك نۇرغۇن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چاۋشيەن يېتەرلىك نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  13-مارت، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتىنىڭ «خەيرىلىك ئەتتىگەن ئامېرىكا» ناملىق پىروگراممىسىدا، چاۋشيەننىڭ كىمجۇڭئۇن ھاكىمىيىتى يادرونىڭ ئەڭ قاتتىق تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگو چاۋشيەنگە قوللىنىدىغان سىياسىتى توغرىسىدا قايتا ئويلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو چاۋشيەن ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، چاۋشيەننىڭ ئەسەبىي قىلمىشلىرىغا ئىزچىل چىداپ كەلدى، لېكىن ھازىر جۇڭگونىڭ ئويى ئۆزگەردى، دېدى. ئۇ يەنە، چاۋشيەن ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ئاشلىق ياردىمى ۋە باشقا مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۆھبەتلىشىشكە قايتىپ كېلىدۇ، ئارقىدىن زېرىكىپ قالسا داۋاملىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدۇ، دېدى. كورىيە ئىقتىساد تورى تەھلىل قىلىپ، ئوباما چاۋشيەنگە بولغان سىياسەتنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىنى سۆزلىدى، چاۋشيەننىڭ ئېغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش تىلغا ئېلىنغاندا، چاۋشيەننى جىمىقتۇرىمىز دېگەن سۆزنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى، دېدى.

  لېكىن ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ بىر ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئوبامانىڭ چاۋشيەنگە قوللانغان «ئىستراتېگىيەلىك تاقىتى» دىپلوماتىيەدىكى مەغلۇبىيەت، چۈنكى ئوباما سىياسىتى ئىزچىللاشقان 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، چاۋشيەن ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى ۋە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدى، ھەمدە تېخىمۇ قۇۋ، تېخىمۇ ئۇرۇشقاق بولۇپ كەتتى، ھازىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىنكار قىلىدىغان ھالەتكە كەلدى. بۇ ماقالىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى دونىروننىڭ «ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرو دۆلىتى بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان يادرو بومبىسى تەتقىق قىلىشىغا چىداپ تۇرمايدۇ» دېگەن سۆزى مەسخىرە قىلىندى، چۈنكى چاۋشيەن يادور دۆلىتىگە ئايلىنىپ بولدى ھەمدە ئامېرىكىغا زەربە بېرىدىغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، ئەمما ئامېرىكا نېمە قىلالىدى؟ بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا جازالاش ۋە دىپلوماتىيە ھەرىكىتى قوللىنىشتىن باشقا، چوقۇم ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يادرو قايتۇرما زەربىسى قاتارلىق باشقا تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان چاۋشيەنگە نىسبەتەن ئەڭ يامان چوت سوقۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە