باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە پاجىئەسى نېمە ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ؟(2)

2013.03.15 16:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رادىكال دىنى كۈچلەر بىلەن تېررورلۇق كۈچلىرى سۇرىيە ئۇرۇشىغا سىڭىپ كىردى ھەمدە ئۇلار كېيىنكى باشار دەۋرىدە مۇھىم رول ئويناپ، سۇرىيەدە ئۇزۇن مەزگىل داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ غەرب ئەنسىرەيدىغان تەرەپ. فرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رىلار ئاروسو ئەندىشە قىلىپ: «بىز سۇرىيەنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى جەڭ قىلىدىغان ئەھۋالغا بېرىپ قېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك، ھازىر بىز ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەركىزىدە يەنە بىر سومالى پەيدا قىلىۋاتىمىز » دېدى.

  ھالبۇكى سۇرىيە پاجىئەسى داۋاملاشماقتا، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا غەربنىڭ ئارىلىشىپ، كرىزىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن ۋە خەلقئارالاشتۇرۇۋەتكەنلىكىدە. غەرب ئەللىرى گەرچە سۇرىيەگە بىۋاسىتە ئەسكەر چىقارمىسىمۇ، لېكىن باشار ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىپ باقمىدى، ئەكسىچە قاتلاممۇ قاتلام ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ئىقتىسادى جازادىن ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقىچە، ھەربىي ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش ۋە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشتىن تارتىپ زور تۈركۈم جانغا زامىن بولمايدىغان قورال جابدۇقلار بىلەن تەمىنلەشكىچە، غەرب ئەللىرىنىڭ ئارىلىشىشىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. خەۋەردە: غەرب ئەللىرى يەنە ئۇچۇش مەنئى قىلىنغان رايون تەسىس قىلىش ۋە ھەربىي ئارىلىشىشنى ئويلاشماقتا، بۇ كرىزىسىنى مۇقەررەر يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ دېيىلدى.

  سۇرىيە كرىزىسىنىڭ ئىككى يىللىقىدىكى ئاچچىق ساۋاق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئويلاندۇردى. نۇرغۇن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سۇرىيەنىڭ مىللەت ۋە دىن قۇرۇلمىسى، رايون سىياسىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىرتنىڭ سۇرىيەگە ئارىلىشىشى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنى بىر مەيدان ئۇرۇشقا باشلاپ كىرىدۇ، سۇرىيەدىمۇ پارچىلىنىش بولۇشى مۇمكىن. بۇ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ قاباھەتلىك چۈشى.

  پەقەت سىرتقى كۈچلەر سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە بېرىدىغان ھەر قانداق ياردەمنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسىلا، ئاندىن ئۆكتىچىلەر سۆھبەت ئۈستىلىگە چىن كۆڭلىدىن قايتىپ كېلىشى، سۇرىيە كرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش دەرۋازىسى ئېچىلىشى مۇمكىن. غەرب ئەللىرى قورال كۈچىگە خۇراپىيلارچە ئىشىنىش قارىشىدىن ۋاز كېچىپ، توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق كرىزىسنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلسىلا، ئاندىن سۇرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بەخت ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە