باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ(2)

2013.03.13 08:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇنىڭدىن باشقا رۇسىيە، ئاۋسترالىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى ياكى يولغا قويماقچى، تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھۆكۈمەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك، كۆلىمى مۇۋاپىق، قانۇنلاشقان يۆنىلىشكە بۇراش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىي ئالتە قېتىم بىرقەدەر زور كۆلەملىك ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى، نۆۋەتتە 7- قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتى باشلاندى، ئىلگىرىكى ئىسلاھاتلارنى قايتا ئەسلەيدىغان بولساق بىرقانچە قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىگە دەل كەلگەنلىكى، خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، دۆلەت ئىچىدە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بازار ئىگىلىكى بەرپا قىلىش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلار بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

  شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، تارماقلار سانىنىڭ كۆپىيىشى ياكى ئازىيىشى، تەشكىللىنىشتىكى ئۆزگىرىش تەسەۋۋۇرىدا دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىش، بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش بۇ ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم لىنىيە.

  جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى دۇنيانىڭ، دۆلەتنىڭ ئەھۋالىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشتىن كەلگەن، بۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. نۆۋەتتە ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، جۇڭگو تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ خېيىم خەتەر ۋە خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق ئوربىتىسىنىڭ دائىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، خاتا بولۇپ قالماسلىق، بوش قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەستىقلاش خاراكتېرىدىكى ھۆكۈمەتتىن مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساشتىن كەلگەن يېڭى مەنپەئەت جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى، رىقابەت كۈچىنى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭ، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل ئېشىشىغا مەدەت بېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە