باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدىكى مۇساپىرلار كرزىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا(2)

2013.03.13 08:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان مۇساپىرلارغا قارىتا، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ قۇتقۇزۇش مەبلىغى بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى. بۇ يىل يانۋاردا، ئىئانە بەرگۈچى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىر مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جىددىي قۇتقۇزۇش پۇلى ياردەم بېرىپ، سۇرىيەدىكى مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن لېكىن تاكى ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاپشۇرۇۋالغان ئىئانە پۇل 20 پرىسەنتكىمۇ يەتمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتىنىڭ ئىئوردانىيەدىكى ئاپپاراتى مۇنداق دېدى: بىز ھازىرغىچە كېرەكلىك مەبلەغنىڭ توققۇز پىرسەنتىگە ئېرىشتۇق. مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن جىددىي ئېھتىياجلىق يېمەكلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدۇق، قۇتقۇزۇش خىزمىتى جاپالىق بولۇپ كەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتى ئاگاھلاندۇرۇپ: ناۋادا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ بولمىسا، بىز تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى قىسقارتىشقا مەجبۇرمىز دېدى.

  زور تۈركۈم سۇرىيەلىك مۇساپىر ئېقىپ كىرگەچكە، سۇرىيەنىڭ قوشنىلىرىمۇ بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمىدى. بىردىنلا نەچچە تۈمەن، نەچچە ئون تۈمەن مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش، يەنە كېلىپ ئۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل تۇرالغۇ، يېمەكلىك، داۋالاش ۋە ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە كۈچى ۋە تۈرلۈك بايلىقى ئاجىز كەلدى. مەسىلەن لىۋاننىڭ نوپۇسى ئاران تۆت مىليوندىن كۆپىرەك بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى يىلدا قوبۇل قىلغان سۇرىيەلىك مۇساپىر 336 مىڭغا يەتتى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست يارەنلىرىنى پاناھ تارتىپ كەلگەن ئەمما مۇساپىرلىق رەسمىيىتىگە تىزىملاتمىغان سۇرىيەلىك مۇساپىرنىڭ سانى ئەمەلىي قوبۇل قىلىنغان سۇرىيەلىك مۇساپىر سانىدىن 400 مىڭى ئېشىپ كېتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى.

  سۇرىيەدە ئۇرۇش ئوتى داۋاملاشماقتا، قىسقا ۋاقىتتا ئۇرۇش توختايدىغاندەك ئەمەس، مۇساپىرلارنىڭ سانى يەنە ئېشىشى مۇمكىن. مەيلى قوشنا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بولسۇن ياكى مۇساپىرلار بولسۇن، ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىئانە بەرگۈچى دۆلەتلەرنىڭ بىر تەرەپتىن ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا؛ يەنە بىر تەرەپ سۇرىيەدىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنى تېزدىن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇش توختىتىشقا دەۋەت قىلماقتا، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە