باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن مادۇرو ئىزباسار بولالامدۇ؟(2)

2013.03.07 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لېكىن ۋېنېسۇئېلا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىغا يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدۇ. چاۋىس ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىمۇ ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكىغا نېفىت سېتىشنى يەنىلا ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ ۋېنېسوئېلانىڭ نېفىتىگە بىر ئاز تايىنىدۇ. ئامېرىكا قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان دۆلەت بولۇشنى ئويلىشى مۇمكىن ئەمەس. كېيىنكى چاۋىس دەۋرىدە ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدە بىر ئاز ياخشىلىنىش بولامدۇ يوق؟

  بارلىق لاتىن ئامېرىكىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چاۋىس ئامېرىكىغا قارىشى بايراق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بولىۋىيە پىرزىدېنتى مۇرالىس، ئېكۋاتور پىرزىدېنتى كورىيا قاتارلىقلار بىلەن ئەل ئاغىنىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارىب رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بولىۋار ئامېرىكا قىتئەسى ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق ئامېرىكا قاتناشمايدىغان تەشكىلات قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، ئۇرۇگۋاي ئىقتىسادىي بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سول قانات پارتىيەلىك ئورنىنى بېكىتتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: چاۋىستەك رايوننىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولمىسىمۇ، قىسقا مەزگىلدە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سول قانات پارتىيەلەرنىڭ ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. لېكىن چاۋىسنىڭ ۋاپات بولۇشى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سولچىل كۈچلەرگە راستتىنلا تەسىر يەتكۈزمەمدۇ؟

  چاۋىس سىياسىي شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىناۋىتى يۇقىرى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ھەر قېتىم لاتىن ئامېرىكىسى رايونى يىغىنى مەزگىلىدە كۆپلىگەن مۇخبىرلار قورشىۋالغان كىشى چاۋىس بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ داھىيلىق قىياپىتى ئۇنى تەنھا قىلىپ قويدى. شۇڭا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى چاۋىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشلامچىنىڭ چىقىشى تەس.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە