باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستاننىڭ شىمالىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى

2013.02.07 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:پاكىستان تاراتقۇسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى قەبىلە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، ئاز دېگەندىمۇ بەش ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالاھىيىتى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلە رايونىدىكى نىشانلارغا يەتتە قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندىمۇ 47 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. پاكىستان دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق يەنە كېلىپ خەلقئارا قانۇنغىمۇ خىلاپ دەپ ھېسابلىدى. ئامېرىكا بولسا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئافغانىستان بىلەن پاكىستان تۇتىشىدىغان رايوندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە دەپ قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە